Uyghur主要词典
ئىلمىي ئۇسۇل ئەل فىقھە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىلمىي فىقھەنىڭ تارمىقى بولۇپ، Ⅸ ئەسىردە شەكىللەنگەن. فىقھە سىستېمىسى شەكىللىنىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن نىسىپىي مۇستەقىل ئىلىم ھېسابلىنىدۇ. فىقھە پەرزنى مەنبە قىلىدۇ، دېگەن ئىدىيىگە ئاساسەن، فىقھەنىڭ ئەمەلىي مەنبەسىگە چېقىلماي، فىقھەنىڭ مەنبەسى ياكى پرىنسىپلىرى، يەنى قۇرئان ھۆكۈمى، ھەدىس ھۆكۈمى، ئىجمائ، قىياستىن ئىبارەت تۆت مەنبە ۋە ئىجتىھاد، راي، ئىستىسلھ، ئىستىھسان قاتارلىق قوشۇمچە مەنبەلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق ۋە تەپسىر قىلىدۇ. فەقىھلەر مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىۋى پرىنسىپلار ئەھكام تۈزۈش، تەپسىز قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. تارىختا ئۆتكەن ئەھلى فىقھەلەرنىڭ ئۇسۇل ئەل فىقھ، ئۇسۇلى فىقھنى چۈشەندۈرۈشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەھلى سۈننەت ھېسابلاپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولدى. Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە سۈننىي مەزھىپىدە بىر - بىرىگە يېقىن ئۇسۇل ئەل فىقھە نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللىنىپ <ئەنتىقى ئەل فىقھى نەزەرىيىسى> دەپ ئاتالدى. بۇنىڭدا ئىمام شافىئىينىڭ <رىسالە> سى (Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرى يېزىلغان) ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەر ھېسابلاندى. قۇرئان ئەھكاملىرىنى، ھەدىس ئەھكاملىرىنى پەتىۋا چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىش ئېتىراپ قىلىندى. ئىنساننىڭ ئىدراك پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىياس ئىككىنچى مەنبە قىلىندى. قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئاساس تېپىلمىغاندا قىياس ئۇسۇلى ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىشقا يول قويۇلدى. بۇ يەكۈن ئىجمائ ئارقىلىق تەستىقلانغاندا ئاندىن كۈچكە ئىگە قىلىندى. شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئۇسۇل ئەل فىقھ نەزەرىيە سىستېمىسى كېيىنرەك شەكىللىنىپ، بۇ مەزھەپنىڭ فەقىھلىرى، مۇھەددىسلىرى تەپسىر قىلغان <قۇرئان كەرىم> ۋە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئاساسىي ئۇسۇل ئەل فىقھ قىلىندى. ئىجمائ ئورنىغا ئىمام ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارىنىڭ ھۆكۈمى، قىياس ئورنىغا ئىدراك دەسسىتىلىپ، سۈننىي مەزھىپىدىن پەرقلىنىدىغان فىقھە مەنبەلىرى ئىلمىنىڭ ئاساسى ھاسىل قىلىندى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، ئىككى مەزھەپ ئۆزنىڭكىنى تەكىتلىدى. سۈننىي مەزھىپى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىدا چىڭ تۇرغاندىن باشقا، ئىجتىھادنى تەكىتلەپ، <ئىجتىھاد ئىشىكى> نى ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. شىئە مەزھىپى زامانىمىزدىكى فەقىھلەر ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش رولىغا ئەھمىيەت بەردى.