Uyghur主要词典
ئىلمىي تەپسىر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى <>قۇرئان كەرىم< ۋە ئىزاھات توغرىسىدىكى بىلىملەر> دېگەنلىك بولۇپ، قىسقارتىلىپ <قۇرئان كەرىمنى ئىزاھلاش ئىلمى> دېيىلىدۇ. ئىلمىي ھەدىس، ئىلمىي فىقھەلەر بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام ئەنئەنە ئىلمىي دېيىلىدۇ. بۇ ئىلىم ئىسلام دىنى يېڭى بارلىققا كەلگەندە پەيدا بولدى. مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> نى بىلىمنىڭ بىردىنبىر ئىشەنچىلىك مەنبەسى ھېسابلاپ، ئۇنى ئەھكام چىقىرىش، دىنغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلدى. لېكىن، سۈرە - ئايەتلەر قىسقا، مەزمۇنى چەكلىك، نازىل بولغان ئارقا كۆرۈنۈشى پەرقلىق بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، كېڭەيتىشكە، ئىزاھلاشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سۈرە - ئايەتلەرگە پىششىق بەزى ئۆلىمالار بۇ ئىلىمنى بەرپا قىلدى. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئىلمىي فىقھەنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، فەقىھلەر جەمئىيەتتە ئەھكام تۇرغۇزۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن <قۇرئان كەرىم> دىكى ھۆكۈملەر بويىچە ئەھكام تۇرغۇزۇشقا، ئۇ ھۆكۈملەرنى ئەھكامنىڭ ئاساسى قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. سۈرە - ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش كۈنسېرى ئەۋج ئالدى. نۇرغۇن تەپسىر ئەسەرلىرى بارلىققا كېلىپ، تەپسىر ئىلمىنىڭ ئاساسى ۋە ئاساسلىق شەكلى بولۇپ قالدى. مەزھەپلەر، ئىلمىي ئېقىملار ۋە فىقھىيەلەرنىڭ تالاش - تارتىش قىلىشى تۈپەيلىدىن، سۈرە - ئايەتلەرنى كۆپ خىل تەپسىر قىلىش پەيدا بولۇپ، ئېقىملارنىڭ ھەرخىل تەپسىر نەزەرىيىلىرى شەكىللەندى. بۇلارنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ تولۇقلاندى. تېخىمۇ كېڭەيتىلىدى. بۇ مەزمۇنلار سۈرە - ئايەتلەرنىڭ نازىل بولغان ئارقا كۆرۈنۈشىگە ۋە ئوقۇلۇشى، نۇسخىسى، گرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكىسى، ئاتالغۇلىرى، مەنىسى، تارىخىي قىسسەلەر، تەمسىل، تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقە قاتارلىقلارغا چېتىلدى؛ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدا تارقىلىپ يۈرگەن تەپسىر، پىكىر تەپسىرلىرى، ئىشارەت تەپسىرى (سوپىزم ئىدىيىسى، مەقستىدىكى تەپسىر) دىن ئىبارەت ئۈچ ئېقىم پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن تەپسىر مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. بۇلاردىن باشقا، يەھۇدىي دىنىچە تەپسىر قىلىش، خرىستىئان دىنىچە تەپسىر قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار پەيدا بولدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئىسلام مۇدېرنىزمى، پان ئىسلامىزم، ئىسلام سوتسىيالىزمى قاتارلىق پىكىر ئېقىملىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە ئوخشىمايدىغان تەپسىر نەزەرىيىلىرى، ئېقىملار ۋە ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئىلمىي تەپسىر ئەسەرلەر توغرىسىدا <تەپسىر> ئىزاھاتىغا قاراڭ.