Uyghur主要词典
ئىلمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىلمەك، ئىلغاق؛ تۇزاق:
مۇھەببەت غەيرەتى گۇلگۇن ھەرىرىن قىلمىش ئانداغ رەفئ،
تۈن ئاقشام تۆكمەئى جەيبىغە كەر مەھكەم ئېرۇر ئىلمەك.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى تېگى يەرگە تەگمەيدىغان قىلىپ باغلىماق.
ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار. ھەممىنى بىر ئىلگەككە ئىلمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسە - كېرەكلەرنى ئىلىپ قويىدىغان، بىر - بىرىگە چاتىدىغان نەرسە.
ھەممىنى بىر ئىلغۇغا ئاسقىلى بولمايدۇ. ئىلغۇچ پۇختا بولسا، ئىشىك چىڭ بولىدۇ. قاغىتۇمشۇق قاچان بولمىسۇن لازىم. ئىلمەك سوقساڭ، ۋاقتىدا ئەگ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باسماق، ئارتىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئومۇمەن بىرەر نەرسىنى ئىلىشقا، ئىلىپ ئېلىشقا، ئىلىپ قويۇشقا لايىقلاشقان؛ لايىقلاشتۇرۇپ ياسالغان ئېگىك ھالەتتىكى نەرسە.
ئەجەپ كەلدى تېپىلىپ، ئىلمىكىمگە سېپىلىپ (ماقال).
ئىلمەكنى ئىشارەت بىلەن رۇسلىغىلى بولماس (ماقال).
سۈپ. ئۇچى ئېگىلگەن، ئېگىك ھالەتتىكى، ئېگىك.
ئىلمەك سىم.
خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك (ماقال).
سۈپ. شۇ خىل شەكىلدىكى، ئەگمەچ.
ئىلمەك قۇرت.