Uyghur主要词典
ئىللىيۇن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇئاندا قەيت قىلىنىشىچە، ياخشى ئەمەللەر خاتىرىلىنىدىغان دەپتەر (83 - سۈرىنىڭ 18 - دىن 26 - ئايەتلىرىگە قاراڭ). بۇ خاتىرىگە پۈتۈلگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ.«ياخشى بەندىلەرنىڭ نام - ئەمەلى شەك - شۈبھىسىز ئىللىيۇندا بولىدۇ». شۇڭا ئىللىيۇن «ئامەت - بەخت» مەنىسىنى بېرىدۇ. مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىللىيۇن جەننەتنىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدە بولۇپ، سىججىن (دوزاخقا كىرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى) بىلەن قارىمۇ قارىشى تۇرىدىكەن. شۇڭا سىججىن دوزاخقا كىرىدىغان ئەسكىلەرنىڭ تىزىملىكى دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.