Uyghur主要词典
ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما
بىئولوگىيە
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى دائىم ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان، رىتىملىق پوتېنسىئال ئۆزگىرىشىنى ستىخىيىلىك ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ، ئىندۇكسىئون ئېلېكترودنى باش تېرىسىگە قويۇپ ئېلېكتروئېنسېفلوگراف ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ستىخىيىلىك ئېلېكتر پائالىيىتىنىڭ دولقۇن شەكلىنى خاتىرىلەش ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىنىڭ دولقۇن شەكلى ناھايىتى تەرتىپسىز بولۇپ، چاستوتىسى ۋە ئامپلىتۇدىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سۈنئىي ھالدا تۆت خىل ئاساسلىق دولقۇن شەكلىگە ئايرىشقا بولىدۇ؛ α دولقۇن، چاستوتىسى ھەر سېكۇنتىغا 8 - 13 قېتىم، ئامپلىتۇدىسى 20 - 100 مىكرو ۋولت؛ β دولقۇن، چاستوتىسى ھەر سېكۇنتىغا 14 - 30 قېتىم ئامپلىتۇدىسى 5 - 20 مىكرو ۋولت؛ θ دولقۇن، چاستوتىسى ھەر سېكۇنتىغا 4 - 7 قېتىم، ئامپلىتۇدىسى 100 - 150 مىكرو ۋولت؛ δ دولقۇن، چاستوتىسى ھەر سېكۇنتىغا 5.0 - 3 قېتىم، ئامپلىتۇدىسى 20 - 200 مىكرو ۋولت. يۇقىرىدىكى ھەرقايسى دولقۇنلارنى پوستلاق قەۋەتنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن ئىندۇكسىيىلەپ چىقىشقا بولىدۇ، α دولقۇنى گەجگە ياپرىقى ۋە تۆپە ياپرىقىنىڭ ئارقا قىسمىدا، نىسبەتەن كۆرۈنەرلىكرەك بولۇپ، ئۇنىڭ دولقۇن ئامپلىتۇدىسى ئاۋۋال كىچىكلىكتىن تەدرىجىي چوڭىيىدۇ. ئاندىن يەنە چوڭلۇقتىن كىچىكلەيدۇ. ئارقىدىنلا يەنە كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق تەكرارلىنىش α دولقۇنىنىڭ <مۇكا شەكلى> دېيىلىدىغان گراپىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆزنى چوڭ ئاچقاندا ياكى غىدىقلانغاندا α دولقۇنى يوقىلىپ تېز دولقۇن پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تەجرىبە قىلىنغۇچى يەنە تىنچلىنىپ كۆزىنى يۇمسا α دولقۇنى يەنە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا α دولقۇنى پوستلاق قەۋەت تىنچ ھالەتتە تۇغان چاغدىكى ئاساسلىق ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىلىق پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. β دولقۇنى كۆزنى ئېچىپ شەيئىلەرنى كۆرگەندە ياكى تەپەككۈر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغدىكى ئاساسلىق ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىلىق پائالىيەت. θ دولقۇن ئۇيقۇسىرىغاندا مەيدانغا كېلىدۇ، يېتىلگەن ئادەم سەگەك ۋاقتىدا δ دولقۇنى بولمايدۇ، لېكىن قاتتىق ئۇيقۇدىكى ۋاقتىدا يەنە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئاستا دولقۇنلار ئۇخلاش ھالىتى ئاستىدىكى ئاساسلىق ئېلېكترو ئېنسېفالوگرام پائالىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى كېسەللىك ئەھۋالىدا (مەسىلەن، مېڭە ئۆسمىدى، تۇتقاق كېسەل قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولسا) ئېلېكترو ئېنسېفالوگرام دولقۇنىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا كلىنىكىدا ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما دولقۇن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چوڭ مېڭە پوستلىقى كسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئورۇننى ۋە ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆلچەپ بىلىشكە ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ دەلىلى قىلىشقا بولىدۇ.