Uyghur主要词典
ئېلېكترو فورىز تېخنىكىسى
بىئولوگىيە
ئوخشىمايدىغان ماددىلارنىڭ زەرەتلىرىنىڭ سانى ۋە خۇسۇسىيىتى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئېلېكتر مەيدانىدا سىلجىش تېزلىكى ۋە يۆنىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، مانا بۇ ئېلېكترو فورېز تېخنىكىسى ئاساسلىنىدىغان ئاساسىي پرىنسىپتۇر. بىئو مولېكۇلا، مەسىلەن، ئامىنو كىسلاتاسى، پولىپېپتىد، ئاقسىل، ئېنزىم ۋە نۇكلېئىك كىسلاتا قاتارلىقلارنىڭ ئىئونلىنىدىغان گۇرۇپپىلىرى بولىدۇ. ئېرىتكۈچىدە زەرەتلەنگەن مولېكۇلىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئېرىتكۈچىسى ئوخشىمايدىغان ۋاستىلەردىكى زەرەتلەرنىڭ سانى ۋە خۇسۇسىيىتى پەرقلەنگەنلىكتىن ئېلېكتر مەيدانىدا ھەرىكەتلىنىش تېزلىكى ئوخشىمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. ئېلېكتروفورېز تېخنىكىسى نۆۋەتتە بىئولوگىيە، خىمىيە ساھەسىدىكى نۆۋەتتە بىئولوگىيە، خىمىيە ساھەسىدىكى مۇھىم دائىمىي تەرتىپ تېخنىكىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېلېكترو فورېزدا ئىشلىتىلىدىغان تىرەك ماددىغا ئاساسەن، قەغەز ئېلېكترو فورېزى، ئاگار - ئاگار تەكشى تاختا ئېلېكترو فورېزى، سېلليۇلوزا ئاتسېتات پەردە ئېلېكتروفورېزى ۋە ئاگاروزا ھەمدە پولى ئاكرىلامىد يېلىم ئېلېكترو فورېز قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ