Uyghur主要词典
ئىجرا قىلماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يىغىلىش، كېڭەش ئۆتكۈزمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى ئۆز يولىدا يۈرگۈزمەك.
<ئورۇنلىماق>، <ئادا قىلماق> ئىش - ھەرىكەتنى قەرەلىدە پۈتتۈرۈشكە قارىتىلىدۇ.
<بېجىرمەك> ئىش - ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلماققا قارىتىلىدۇ.
<ئۆتىمەك>، <ئاتقارماق>، <ئىجرا قىلماق> ئىش - ھەرىكەتنى يۈرگۈزۈشكە قارىتىلىدۇ.
1199 - يىلى مەملىكەت بويىچە توشۇلغان مال 29 - دېكابر ئەتىگەن سائەت ئالتە گىچە بىر مىليارد 470 مىليون توننا بولۇپ، يىللىق پىلان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلانغان. ئالىي مەكتەپكە كىرىش كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدۇم. بېرىلگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش - مەسئۇلىيەتنى ئۆتەشتۇر. تېگىشلىك ۋەزىپىنى ئاتقارماق لازىم. سىياسەت، قانۇن، بۇيرۇق، قارار، ۋە ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش لازىم.