Uyghur主要词典
ئىجمائ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر قارارغا كەلمەك، بىر پىكىرگە كەلمەك؛ بىرلەشمەك، بىرلىككە كەلمەك؛ يىغىلماق، توپلانماق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بىرلىككە كەلگەن پىكىر> ياكى <كېڭەشكەن پىكىر> دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ئىسلام فىقھەسىدىكى تۆت چوڭ مەنبەنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كەڭ مەنىلىك ئىجمائ ۋە تار مەنىلىك ئىجمائقا ئايرىلىدۇ. (1) كەڭ مەنىدىكىسى ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئېتىقاد مەسىلىسى (مەسىلەن، <قۇرئان كەرىم> نىڭ مۇقەددەسلىكى) شەكىللىنىش توغرىسىدكى ئورتاق ئىخلاسنى كۆرسىتىدۇ. <مېنىڭ قوۋم سەپسەتە بىلەن چىقىشالمايدۇ> ۋە <مۇسۇلمانلار ئادىل دەپ قارىلغانلىكى نەرسە ئاللانىڭ نەزەرىدىمۇ ئادىلدۇر> دېگەن بۇ ئىككى ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ. (2) فەقىھلەر پىكىر ئىختىلاپىغا دۇچ كېلىپ، كىتابتىن، ھەدىستىن ئەمەل قىلىدىغان ئاساس تېپىلمىغاندا، مەلۇم دەۋردىكى نوپۇزلۇق فەقىھلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. تارىختىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتى پەرقلىق بولدى. سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى (ھەنەفىيە، مالىكىيە، شافىئىيە ۋە ھەنبەلىيە) ئۇنىڭ سەپسەتە ئەمەلىكىنى ۋە چەكلەش كۈچىنى ئېتىراپ قىلىپ، فەقىھلەرنىڭ قۇرئانغا، ھەدىسكە ئاساسەن قىلغان قىياس يەكۈنى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىدى. لېكىن، يەنە دەسلەپكى يىللاردىكى مول بىلىملىك چوڭ فەقىھلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرىنى ئۇنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى. شىئە مەزھىپى ئىجمائنىڭ نوپۇزلۇقلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، ئىمام ياكى مۇجتەھىدنىڭ شەخسىي پىكرىگە ئەمەل قىلدى. ۋەھھابىلار ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇدېرنىزمچىلار بىلەن ئەنئەنىچىلەر ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇن چىقىرىش يىغىنىنى زاماننىڭ ئىپادىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.