Uyghur主要词典
ئىجارە قانۇنى
دۇنيا تارىخى
1941 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن. قانۇندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا، قانداقلا دۆلەت بولسۇن، ئۇنىڭ مۇداپىئەسى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىلىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نەرسىنى ئىجارىگە بېرىش ياكى تەمىنلەش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا چە ئەللەرگە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نەرسىنى ئىجارىگە بەرگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 60 پىرسەنتىنى ئەنگلىيىگە، 23 پىرسەنتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەرگەن. 1945 - يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا تەمىنلەشنى توختاتقان. ئۇرۇشىتىن كېيىن ئىلگىرى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىلەرنى باھاغا سۇندۇرۇپ قانداق قايتۇرۇش توغرىسىدا بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇزاق تالاش - تارتىش بولغان.