Uyghur主要词典
ئىجادىيەت مائارىپى
پسىخولوگىيە
بۇ ئىجادىيەت ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر يېڭى پەن. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنىنى ۋى ئۇنىڭ تەتبىق قىلىنىشىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئىجادىيەت مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ خىيال قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئەقلىي قابىلىيەت، ئىجادىي قابىلىيەت ۋى ئۆگىنىش قابىلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يەنى مەسىلىنى بايقاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنى، ئاخبارات توپلاپ ئۇنى رەتلەش قابىلىيىتىنى، ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئىشلەش قابىلىيىتىنى، يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى، نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىنى ۋە تەشكىللەش قابىليىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ بايقاشنى ئۆگىنىش ۋە كەشىپ قىلىشنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ پەن بىلەن سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلەشنى يۈرگۈزۈش؛ زېرەكلەرنى تەربىيلەش بىلەن ئالاھىدىلەرنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن بىرى 1939 - يىلى ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئىجادىيەت قۇرۇلۇشى» دېگەن دەرسنى ئۆتكەن، ئۇلار ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى تەتقىق قىلماستىن، نەتىجىلەرنى قانداق ياراتقانلىقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. مەسىلەن: ئېدىسوننىڭ لامپۇچكىنى قانداق كەشىپ قىلغانلىقىنى تەتقىق قىلماستىن، لامپۇچكىنى كەشىپ قىلىشتىكى تەپەككۇر جەريانى بىلەن ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلغان، خۇددى كىشىلەر ماتېماتىكا، فىزىكىلارنى ئۆگەنگەندەك، كەشىپ قىلىش، ئىجاد قىلىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆگىنىپ، ئىجاد قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن. ئىنسانلار دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئىجاد قىلىش جەريانىدا ئىككى خىل ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ: بىرى، توغرا ساھەدىكى مەسىلىنىڭ ئەھۋالى، يەنە بىرى، مۈجمەل ساھەدىكى مەسىلىنىڭ ئەھۋالى. توغرا ساھەدىكى مەسىلىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئوقۇغۇچىلار دائىم ئۆگەنگەن تىئورىما، فورمۇلا قاتارلىق ماتېماتىكا بىلىملىرى ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە توغرا جاۋاب بار مەسىلىلەرنى يېشىدۇ. ئۇلار مۇنداق مەسىلىلەرنى يېشىش ئۈچۈن، پەقەت ئىنسانلار ئىگىلىگەن بىلىم، تېخنىكىلارنى ئىشلەتسىلا بولىدۇ. مۈجمەل ساھەدىكى مەسىلىگە كەلسەك، ئىش باشقىچە، بۇ ساھە ئىنسانلار تەرىپىدىن تېخى يېشىلمىگەن «سىرلار» بىلەن تولغان بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجادىي تىپتىكى ئىقتىدارلىقلار مۈجمەل ساھەدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ۋە مۇشۇ ساھەدىكى مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئۇستا كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئىجادىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىمە پائالىيەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىجادىيەت مائارىپچىسى تورس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئالاقىدە بولۇشى ئىجادىيەت مائارىپىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كىتابتىن يادلىۋالغانلىرىنى يەتكۈزىدىغان جارچى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىشى بىر خىل ئىجادىيەتكە باي خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىمۇ، دېگەن ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئىجادىيەت مائارىپىنىڭ ماھىيىتى ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇرىنىڭ راۋانلىقىنى، ئۆزگۈرۈشچانلىقىنى ۋە مۇستەقىل خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرۈش، ئىجادىي ئېڭىنى بەرپا قىلىش مەقسىدىگە يېتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپ بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى ئوىشىمايدىغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە: ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ نىسانى ئەسلى بار بىلىمگە ئىگە قىلىش، ئىجادىيەت مائارىپىنىڭ نىشانى ئىجادىي قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۇسۇل جەھەتتىن ئالغاندا ئەنئەنىۋى مائارىپتا ئوقۇتقۇچى بار بىلىملەرنى يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىدۇ. ئىجادىيەت مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى تەتقىقاتقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ھالدا ئىزدىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: ئەنئەنىۋى مائارىپتا ئوقۇتۇش ئەسلى بار بىلىملەر دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ. ئىجادىيەت مائارىپىدا تەييار بىلىملەر دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپتا ئوقۇغۇچىلار دوراپ ئۆگىنىدۇ، ئوخشاش مەسىلىلەرنى يېشىدۇ. ئىجادىيەت مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىچە خاراكتېردىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈلىدۇ. ئەنئەنىۋى مائارىپتا ماھىيەتسىز ئىلگىرىلەش بولىدۇ، كۆپىنچە باشقىلارنىڭ توپا - چاڭلىرى ئىچىدە قالىدۇ. ئىجادىي مائارىپتا بۆسۈش خاراكتېرلىق بايقاشلار بولۇپ، يېڭى ساھەلەر ئېچىلىدۇ.