Uyghur←Chinese主要词典
ئەزەرەيجان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
阿塞拜结疆起义
ā sāi bài jié jiāng qǐ yì
1920 - 1921-يىللىرى ئىران مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان 1921-يىللىرى ئىران مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان مەزگىلدىكى قوزغىلاڭ. 1920-يىلى 4-ئايدا ئەزەربەيجاننىڭ مەركىزى تەبرىزدە ئەنگلىيىگە قارشى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ يارتىلغان. خىئابانې باشچىلىقىدىكى ئەزەربەيجان دېموكراتلار پارتىيىىدىكىلەر قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئەمەلدارلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئەزەربەيجاننى <ئازادىستان> (ئەركىن بەگلىك) دەپ جاكارلاپ، دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇپ، بەزى دېموكراتىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى كۈرەش داۋامىدا ئاجىز كېلىپ قېلىپ پاسسىپ مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى ھەمدە باشقا ريونلاردىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن ئالاقە باغلىمىغانلىقى ئۈچۈن، 1920 يىلى كۈزدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن.