Uyghur主要词典
ئەۋلادمۇئەۋلاد
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقىچە؛ بالىدىن بالىغىچە.
ئۇلۇغلارنىڭ نەسھىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئېتىقادلىق، دىندار كىشىلەر نەزىرىدە گويا ئاجايىپ كارامەتلەرگە ئىگە، كارامەت كۆرسىتەلەيدىغان، مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان مۇقەددەس، ئەزىز ئادەم.
ئۇ دەرەختىن چۈشۈپ سەپەرگە قاراپ: - مەن بۈگۈنگىچە ئەۋلىيالارنىڭ بۇنداق كارامەتلىرىنى كۆرگەن ئەمەس ئىدىم، - دەپتۇ.
كۆچمە. گەپ، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسىگە چۈشىنىپ يەتكەن؛ دانىشمەن، ئۇلۇغ ئادەم.
مەھمۇت قەشقەرى تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەۋلىيا، ئۇلۇغ شەخس.
كۆچمە. مۇبالىغە، مەسخىرە قىلىشتا كىنايە ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
- بەللى، پاسارئاخۇن تازا ئەۋلىيا ئىكەنسىلە! چۈشۈڭلىگە نېمە كىرسە شۇنى دەمسىلە؟ - دېدى ھېكىم.