Uyghur主要词典
ئەتمەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نان، توقاچ (<ئۆتمەك> مۇ دېيىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشىك - دېرىزىلەرنى ياپماق، قولۇپلىماق.
ئىشىكنى تاقا، خاتىرجەم ئۇخلا. ئىشىك - دەرۋازىنى ئەتسەڭ، ياۋدىن ساقلىنىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسىم، سۈپەت، سان ۋە رەۋىشلەرنى پېئىل ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان ياردەمچى پېئىل سۈپتىدە شۇلاردىن ھاسىل بولىدىغان ھەرىكەت - ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ.
دېھقان بولساڭ شۈدىگەر قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل. ئاۋۋال تام ئەت، كېيىن باغ ئەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نان.
1 - 138
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ياپماق، تاقىماق.
ئۇ ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن ئەتتى.
ئۆزئارا تۇتۇشتۇرماق؛ تۈگمىلىمەك، ئىزمىلىمەك.
بوۋام مېنى يولغا سالماقچى بولۇپ، خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى ئالدىرىماي ئەتتى.
توسماق، ياپماق؛ ئورىماق؛ تاڭماق؛ دالدا قىلماق.
يۈزىنى ئەتمەك. كۆزىنى ئەتمەك.
توسماق، تورىماق، باشقۇرماق: سۇنى ئەتمەك. باشلامچى ئەتمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك، ياسىماق، قىلماق.
بۇ قىز دادىسىنىڭ ئاش - تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ، ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن،
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرمەك، قىلماق.
ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ ئەت (ماقال).
شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال ئەتمە (ماقال).
كۆچمە. دەپ بىلمەك، دەپ ھېسابلىماق، قاتارىدا كۆرمەك؛ تۇتماق.
موماي: - قىزىم، ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر ھالدا ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت، بۇ يىگىت سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى، - دەپتۇ.
<قىلماق> مەنىلىرىدىكى ياردەمچى پېئىل رولىدا كېلىدۇ ۋە تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ياندىشىپ كېلىپ، ئۇنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
بەخت ئەتمەك، داۋام ئەتمەك.