Uyghur主要词典
ئەتەبەتۇل ھەقايىق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شىنجاڭدا يېزىلغان ئىسلام دىنىغا دائىر داستان بولۇپ، بۇنى ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى (1110 - 1180 ) يازغان. ئەسەر 14 باب بولۇپ، مۇقەددىمە ۋە تېكىستتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. مۇقەددىمىدە ئاللا ۋە پەيغەمبەر مەدھىيىلىگەن. تېكىستتە Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدىكى پاراكەندىچىلىك ۋە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى بايان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ شەرىئەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ئەيىبلەنگەن، كىشىلەر بىلىم ئېلىشقا، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، سەمىمىي - دۇرۇس بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. خاتىمىسىدە مۇئەللىپ ئۆزىنى بايان قىلغان. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قوليازمىسى بار : سەمەرقەنت A، ئۇيغۇرچە نۇسخىسى، 1444 - يىلى كۆچۈرۈلگەن؛ ئىستامبول B، ئۇيغۇرچە - ئەرەبچە سېلىشتۇرما نۇسخىسى، 1480 - يىلى كۆچۈرۈلگەن. يۇقىرقى ئىككى نۇسخا ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستامبولدىكى ئايا سوفىيا مۇزېييىدا ساقلىنىۋاتىدۇ؛ ئىستامبول B، نۇسخىسى ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە بىلەن كۆچۈرۈلگەن، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ھازىر ئىستامبولدىكى توپكاف كىتابخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى خەنزۇچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدى، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980- يىلى ئۇيغۇرچىسىنى نەشر قىلدى.