Uyghur主要词典
ئەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئادەم ۋە ھايۋانلانىڭ گۆشى، بەزى مېۋىلەرنىڭ گۆشلۈك يېرى.
ئەت ئالماق، ئېتىدىن چۈشمەك، ئەتلىك قوغۇن. * ئەت ئەتكە، شورپا بەتكە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئەتمەك، ئېتىش. 1 . ئوچۇق ھالەتنى يېپىق ھالەتكە كەلتۈرمەك، بېكىتمەك، پايماق، توسماق. ئانتونىمى: ئاچماق.
ئىشىكنى ئەت. * تۈگمەڭنى ئەتسەڭچۇ. * ئېچىقنى ئەت، سۇ يامراپ كەتمىسۇن. * قىز يۈزىنى قولى بىلەن ئېتىپ يىغلايتتى.
2 . قىلماق. ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت؛ ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت (ماقال). * ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. 1 . بەزى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
داۋام ئەتمەك، كەسىپ ئەتمەك، يالت ئەتمەك.
2 . «پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ. «پ» تاۋۇشى «ۋ» گە ئايلىنىپ «ئە» بىلەن قوشۇلۇپ «ۋەت» بولىدۇ. 1 . ھەرىكەتكە «تۈگەتمەك، پۈتتۈرمەك» مەنىلىرىنى قوشىدۇ. خەتنى دەرھال يېزىۋەت (= يېزىپ ئەت). * تاشنى تاشلىۋەت (= تاشلاپ ئەت). * بۇنى كۆمۈۋەت (= كۆمۈپ ئەت.) 2 . ئىش ھەرىكەتنىڭ ئىختىيارسىز يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كۈلۈۋەتتى. * ئاچچىقىمدا يىغلىۋەتتىم. * مانا ئەمىسە دەپ، خەتنى يىرتىۋەتتىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ تېنىدىكى قىزىل، يۇمشاق مادادا؛ مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇزلارنىڭ يېگىلى بولىدىغان يېرى.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. گۆش يېسە چىشقا كىرەر، يېمىسە چۈشكە. ئەت يەر. ئەتلىك قوغۇن.ئەت ئالماق. قارا، ئۇ ئىككى ئېلىك ئېتىدىن چۈشۈپ كېتپتۇ. تىرناق ئەتتىن ئايرىلماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(«ا - ئېلىف» يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ئەت، گۆش. ئەت يېر _ ئەت يەر، يۇمشاق يەر، يۇمشاق تۇپراق.
1- 48
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەدەن؛ ئۈنلۈك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاتتىق ۋارقىرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشىلا
ئەت قونماق، ئەت تۇتماق.
بەزى مېۋىلەرنىڭ گۆش قىسمى.
ئېتى چۈرۈك قوغۇن.
كۆچمە. يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى.
ئەت توپا.