Uyghur主要词典
ئەپۇ قىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىپەرۋالىق، ئەدەبسىزلىك ۋە ياكى خاتالىقنى كۆڭۈلگە ئالماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك ياكى جازالىماسلىق.
سەن يامان كۆرىدىغاننى كەچۈر، سېنى يامان كۆرىدىغاننى كەچۈرمە. كەمچىلىك مەندىن كەچۈرۈش سەندىن. ئەپۇ قىلىش - ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشنىڭ شىپالىق دورىسى. دوستىنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىش - گۈزەل ئەخلاق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقىلارنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلماق، گۇناھىدىن ئۆتمەك، كەچۈرمەك: ئۇلارمۇ ئادەم بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاتا - ئانا بولغاندا ئاتا - ئانىنىڭ قەدرىگە يېتەر دەپ، ئانا بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ بولغۇچە ئوغلى بىلەن كېلىنىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى.