Uyghur主要词典
ئەسىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سەلكىن، يۇمشاق شامال.
1 - 105
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
شامال، سەھەر شامىلى؛ ئىلھام، تۈرتكە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سەلكىن شامال، غۇ - غۇر شامال، مەيىن شامال. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.