Uyghur主要词典
ئەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بالا ھەمرىيى، يولدىشى.
ئەشتىن ياسالغان دورا تەن ئاجىزلىققا داۋا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئەشمەك، ئېشىش.
پىلىك ئەشمەك، يىپ ئەشمەك، ئارغامچا ئەشمەك. * ئالدىراش ئەشكەن ئارغامچائارقىدا قالىدۇ (ماقال).
ساتارىم تارىغا جان رىشتىدىن تار ئېشىپ سالسام،
ئۇنىڭ نالىسىدىن بىۋاپانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
شېرىك، دوست، ئۈلپەت، جۈپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چۈشىدىغان، ئانىلىق ماتكىنىڭ ئىچىدە بولىدىغان، بوۋاق بىلەن ئانىلىقنى باغلاپ تۇرىدىغان دوملاق توقۇلما.
ئەش بوۋاق - تۆرەلمە بىلەن كىندىك ئارقىلىق باغلىنىدۇ. بالىنىڭ ھەمراھى ۋاقىتىدا چۈشمەي، ئايىمخان جىق قىينالدى.
بىئولوگىيە
<ھامىلىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھامىلىدار (بوغاز) مەزگىلىدە باش سۈيى ۋە ھامىلە قاچىلىنىپ تۇرىدىغان خالتا بولۇپ، ئامنىئون پەردە، تىۋىتلىق پەردە ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئۇ ھامىلە دەۋرىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ئورگان بولۇپ، ھامىلىنىڭ مېتابولىزمى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇغۇش ۋاقتىدا بالىياتقۇ ۋە قورساق دىۋارى مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئەش پەردىسى يېرىلىپ باش سۈيى ئېقىپ چىقىدۇ، ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، بال ھەمراھى بىلەن بىللە ئانا تېنىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يول يۈرمەك، يول باسماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن چۈشىدىغان ھەمراھى.