Uyghur主要词典
ئەركەكزەدەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەم ئەرلىك، ھەم ئاياللىق بەلگىسى بولغان ئادەم.
« خۇنسا » يېزىق تىلدا، « ئەركەكزەدەك » ئېغىز تىلدا ئۇچرايدۇ.
ھازىرقى تىبابەت خۇنسانى تۈزەيدىكەن، تۈنۈگۈن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىكى قىزنى بۈگۈن ئەرلەر كوماندىسىدا كۆردۈم.ئەركەكزەدەك قىلىقسىزلىق قىلسا، يا ئۇ ئەمەس، يا بۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەركەك + زەدەك
سۈپەت
باش ئالمىغان سەۋزە.
ئەركەكلەرگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىرى بار، ئەر مىجەز (ئايال ھەققىدە).
- ئەپەندىم پادىشاھنىڭ نىيتىنى بايقاپ: - ئەكەتكەن بېلىقىم ئەركەكزەدەك ئىدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.