Uyghur主要词典
ئەركەك چىۋىن قونمىغان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلار ھەققىدە: ئېپەتلىك، پاك.
<مەستۇرە>، <ئەركەك چىۋىن قونمىغان>، <ئانىسى سۆيمىگەن> قىزلار ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
مامۇت ئاخۇن خوتۇنىنى مەستۇرە قىلىۋاپتۇ، سىرتقا چىقارمايدىكەن. رۇقىيخان روپاچ مەجلىسكە كەلمەيدۇ، كەلسىمۇ يۈزىنى يېپىۋالىدۇ. مەرىپەت - مەسۇم قىز. ھېپىزەم ئەركەك چىۋىن قونمىغان قىز. ئايزىمخاننى دەمسەن، ئۇ قىز ئانىسىمۇ سۆيمىگەن قىز.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) ئەخلاقىي جەھەتتىن ساغلام، پاك؛ يامان يولدا ماڭمىغان. (2) تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، مەستۇرە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«ئەركەك چىۋىن كۆرمىگەن» گە قاراڭ.