Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندسىتان جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى英属印度协会
yīng shǔ yìn dù xié huì
ئەنگلىيە - ھىندىستان جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىستاندىكى بېنگالنىڭ مىللىي ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلاتى. 1185-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كالكوتتادا قۇرۇلغان. جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرى <ياش بېنگال> گۇرۇپپىسىدىكى بەزى مەشھۇر پائالىيەتچىلەر، مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئوڭ قانىتى بولغان مۇتەئەسسىپ زېمىندارلار (پومېشچىكلار) ۋە سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇلار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئەنگلىيىگە سادىق ئىدى. ئۇلارم مۆتىدىل ۋە چەكلىك بولغان ئىسلاھات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ تەلەپ سۇنۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش بىلەن قانائەتلىنەتتى، سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇراتتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلپ تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىكىنى يوقاتقان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەسىرىمۇ يوقالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。