Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيىدىكى دىن ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
英国宗教改革
yīng guó zōng jiào gǎi gé
ئەسىردە ئەنگلىيە مۇنارخىيىلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېلىپ بارغان دىن ئىسلاھاتى. 1534-يىى 3-ئايدا كورۇل ھېنرىخ ⅤⅢ پاپانىڭ ئۆزىنىڭ خانىكىسى - ئىسپانىيە مەلىكىسى كاتېرىنا بىلەن ئاجرىشىشىغا يول قويمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە چېركاۋى ئەنگلىيە كورۇلىنى ئالىي رەھبەر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، رىم پاپاسىغا تەۋە بولمايدۇ، دەپ جاكارلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كاتولىك دىنىنىڭ ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى، مۇھىم دىنىي ئەقىدىسى ۋەرەسىم - قائىدىلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئەنگلىيە چېركاۋى ئەنگلىيە دۆلەت دىنى دەپ ئاتالغان، پروتېستانت چېركاۋى دەپمۇ ئاتالغان. ئانگلىكان (ئەنگلىيىنىڭ دېگەن مەنىدە) چېركاۋى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 1536-، 1539-يىللىرى ھېنرىخ ⅤⅢ يەنە ئارقا - ئارقىدىن پەرمان چۈشۈرۈپ موناستىرلارنى تاقاپ، ئۇنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. ئېدۋارد Ⅵ دىنىي جەمئىيەتكە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھەمدە 1549-يىلى <دۇئا - تىلاۋەتنامە> ئېلان قىلغان. مارىيا Ⅰ تەختكە ئولتۇرغاندا دىن ئىسلاھاتى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، كاتولىك دىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پىروتېستانتلارغا دەھشەرلىك زىيانكەشلىك قىلغان. ئېلىزابىتا Ⅰ تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1559-يىلى ئەنگلىيە دۆلەت دىنىن قايتىدىن تىكلەپ، كورۇلنىڭ دىنىي ئىشلاردىكى ھۆرمەتلىك ئورنىنى تەكىتلىگەن؛ 1571-يىلى <39 ماددىلىق ئېتىقاد> نى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ئەقىدىسى قىلغان. <ئىنجىل> نى ئېتىقادنىڭ بىردىنبىر مىزانى دەپ ماختاپ، چېركاۋنىڭ ئالىي نوپۇزى پاپا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئەنگلىينىڭ دىن ئىسلاھاتى مىللىي چېركاۋ قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان بولۇپ، مۇئەييەن ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن ئۇ بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق ماس كەلمىگەن، شۇڭلاشقا كېيىن ئەنگلىيىدە يەنە كالۋىن دىنىگە ئوخشاش پىروتىستانت دىنى مەيدانغا كەلگەن.