Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە - ئىران كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
英伊协定
yīng yī xié dìng
1919-يىلى ئەنگلىيە - ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. ئەنگلىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن سوۋېت روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇن چارروسىيە ئىراندا قولغا كەلتۈرۈۋالغان بارلىق ئىمتىيازلاردىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1919-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگلىيە ئەنگلىيەپەرەس ۋوسۇگ دۇلې ھۆكۈمىتى بىلەن تېھراندا ئىككى كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئىران ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئەنگلىيە مەسلىھەتچىلىرىنى قويۇش؛ ئەنگلىيە ئىران ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، تەربىيىلەش ۋە قوراللاندۇرۇش؛ ئەنگلىيە - ئىران بىرلىشىپ كارخانا باشقۇرۇش، تۆمۈريول ۋە تاشيول ياساش؛ ئىراننىڭ چېگرا بېجىنى ئۆزگەرتىش؛ ئەنگلىيە ئىراننى ئىككى مىليون فوند ستېرىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش بەلگىلەنگەن. كېلىشىم ئىران خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئىران ھۆكۈمىتى خەلق كۈرىشىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، 1920-يىلى 11-ئايدا دۆلەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى يىغىنىنى چاقىرىپ كېلىشىمنى تەتبىقلاشنى رەت قىلغان.