Uyghur←Chinese主要词典
ئەنگلىيە - ئىتالىيە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
英意协定
yīng yì xié dìng
<رىم كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1938-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن ئىتالىيە رىمدا ئىمزالىغان. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئوتتۇرا دېڭىز غەربىي قىسمىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى قوغداشنى قايتىدىن ئېتىراپ قىلىش؛ ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەربىي ئاخبارات ئالماشتۇرۇش؛ ئەنگلىيە ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرىنى تەتبىق قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئوخشاش مەيدان قوللىنىدىغان قىلىش، ئىتالىيە ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىدىكى <پىدائىيلار قوشۇنى> نى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كېتىش ھەمدە ئىسپانىيىگە نىسبەتەن زېمىن، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قەستى يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككى دۆلەت دوستلۇق روھ بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىل دېڭىزنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئورتاق ساقلاپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىتالىيە لوندون دېڭىز - ئوكيان يىغىنىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىگە قاتناشقان. ئەنگلىيە كېلىشىم ئارقىلىق ئىتالىيىگە زور دەرىجىدە يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتەلمىگەن، ئىتالىيىنىڭ گېرمانىيە تەرەپكە ئېغىپ كېتىشنى توسۇيالمىغان.