Uyghur主要词典
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1873 - 1938) ئىسلام پەيلاسويى ۋە شائىر. سىيالكوتتا (بۇرۇن ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شتاتىغا تەۋە ئىدى. ھازىر پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئالغان. كېيىن شوتلاندىيە چېركاۋى مەكتىپىگە كىرگەن. 1895 - يىلىدىن 1899 - يىلىغىچە لاھوردىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىگە ۋە پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. 1905 - يىلى ئەنگلىيىدىكى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇدى، كېيىن گېرمانىيىدىكى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، پەلسەپە دوكتورى، دېگەن ئۇنۋاننى ئالدى. 1908 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئادۋوكاتلىق قىلدى ھەمدە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1926 - يىلى پەنجاپ قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. 1930 - يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىپ، يالغۇز مۇسۇلمان مىللىتىنى ۋە مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تەرغىپ قىلدى. 1931 - يىلى لوندوندا ئېچىلغان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىپ، <بىرلىككە كەلگەن مۇسۇلمانلار دۆلىتى> قۇرۇشنى يەنە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ <ئۆزلۈكنىڭ سىرى>، <فەناھنىڭ خاسىيىتى> قاتارلىق شېئىرلىرى كلاسسىك ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <پرسىيىدىكى مىتافىزىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى>، <ئىسلام دىنى ئىدىيىسىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشى> قاتارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يازدى. ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال كېسەل سەۋەبى بىلەن لاھوردا ئالەمدىن ئۆتتى. خانلىق جامەنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.