Uyghur主要词典
ئەل كىندى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ يۇسۇف ياقۇب بىننى ئىسھاق ئەل كىندى، تەخمىنەن 801 - 870) ئىسلام پەيلاسوپى. كۇفەدە دۇنياغا كەلگەن. بەسرە ۋە باغداتتا ياشىغان. ئەل كىندى ئەرەب قان سىستېمىسىدىن بولغاچقا، ياۋروپادا <ئەرەب پەيلاسوپى> دېگەن نامغا ئىگە. قارا تازىلار (ئابباسىيلار) خەلىپىسىنىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتىدى. پەلسەپىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىپ، يېڭى ئەپلاتون - ئارىستوتېل پەلسەپىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى مۇرەسسە قىلدى. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى <بىرىنچى ئامىل> بولغان ئاللا ياراتتى. يارىتىشتا <تاشتۇرپ چىقىرىش> شەكلىنى قوللاندى، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى؛ ماددا شەكىلدىن ئىلگىرى مەۋجۇت بولىدۇ، شەكىل ماددىدا مەۋجۇت بولغان بىر خىل پوتېنسىئالدىن ئىبارەت؛ يېتەكچى ئامىل روھ بىلەن ماددىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاسمان جىسىملىرى دۇنياسىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يەككە يېتەكچى ئامىل ئالەمنىڭ يېتەكچى ئامىلىدىن تېشىپ چىقىدۇ ھەمدە تەننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارىدى. ھېسسىياتنىڭ بىلىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن، ماتېماتىكا، لوگىكا ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى كېيىنكى پەيلاسوپلارغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. ئەل كىندى پەلسەپە، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك، مۇنەججىملىك ۋە مۇزىكا توغرىسىدا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان 70 خىل ئەسىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.