Uyghur主要词典
ئەيش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرمۇش، ياخشى تۇرمۇش؛ ھايات.
خۇشاللىق، كۆڭۈللۈك؛ خۇشال - خۇراملىق، شادلىق، راھەت - پاراغەت، كۆڭۈل خۇشلۇقى:
2. كەتتى چۇ سەرسەرى جەھان، كەلدى نەسىمى نەۋ بەھار.
تەلب زەلىلى ئەيشىدىن كۆڭلىدە نائۈمىد ئەمەس.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىرىكلىك، ياشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھۇزۇر - ھالاۋەت، پاراغەت، لەززەت.
كەلدى نورۇز، كەلدى بۈگۈن، ئەيش بىنا ئەتكىلى، بارچە ئادەم كۆڭلىنى، شادۇخۇرام ئەتكىلى.
كەيىپ - ساپا، مەيخۇرلۇق، ئىشرەت.
ئەي پەلەك، چەرخى بۇزۇق، قىلغان ئىشىڭ ئېيتسام ئەگەر، بىۋاپا ئالەمدە ئىشرەت ئەيشىنى نادان سۈرەر.