Uyghur主要词典
ئەيچۇن كوچىسىدىكى مەسچت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« ئەمەل مەسچىتى ۋە ئىسلام مەركىزى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەسچىت جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ رايونىدا بولۇپ، ئورنى مولىچىڭشەندىكى ئەيچۇن كوچىسىدا. 1976 _ يىلى شياڭگاڭدىكى تونىنى ياسىغاندا خۇاڭچۇڭ يولىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ۋە مەسچىت بۇزۇۋېتىلگەنلىكتىن، شياڭگاڭدىكى ئەنگىلىيە دائىرلىرى يەر ئاجرىتىپ يېڭى مەسچىت سالدۇرۇپ بەرگەن. بۇ مەسچىت 1981 _ يىلى 9 _ ئاينىڭ 14 _ كۈنى پۈتكۈزۈلگەن. بۇ ئىمارەت زامانىۋى سېلىنغان بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە مەسچىتنىڭ نامازخانىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باشقا قەۋەتلىرى شياڭگاڭ ئىسلام مەركىزى بولۇپ، شياڭگاڭ مۇسۇلمان ئاياللار ئۇيۇشمىسى، شياڭگاڭ مۇسۇلمان ياشلار جەمىئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار مۇشۇ يەردە ئىش بېجىرىدۇ ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. مەسچىتنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق، رەتلىك.چوڭ كۆلەمدىكى ھېيت _ ئايەم نامازلىرى مۇشۇ يەردە ئوقۇلىدۇ.