Uyghur主要词典
ئەييۇھەنناس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەي ئادەملەر، ئەي خالايىقلار!
بىلىڭ ئەييۇھەنناس يىتتى بالام،
ئانىبەرسە ئورنىغا بەرگۈم غولام.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئى ئادەملەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
يېزت كۆپچىلىككە، توپلانغان، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب، نىدا؛ ئەي خالايىق، ئەي ئادەملەر.
موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى: - ئەييۇھەنناس - ئىشتىڭلار ئامۇخاس، گۇناھ رىيا بولسىمۇ، جازا دېگەن راست.
كۆچمە. ھاياجان، قايغۇ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد - پەرياد، شاۋقۇن - سۈرەن، كۈچلۈك ئاۋاز.
كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئەييۇھەنناس، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان - يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى.