Uyghur主要词典
ئەييۇبىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1171 - 1250) شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئاسىيادىكى ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى ئەييۇپ جەمەتىدىكى سالاھىددىن قۇردى. فاتىمىيە سۇلالىسىغا بەرگەن ۋەدىگە ئاساسەن 1169 - يىلى ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن سالاھىددىن تاغىسى شىركۇھ (؟ 1169، مۇسۇل ۋە ھەلەبتىكى تۈرك سانغۇنى) زەنگىد سۇلالىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوشۇن باشلاپ مىسىرغا كىردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شىركۇھ ۋاپات بولدى. قوشۇنغا سالاھىددىن قوماندانلىق قىلدى. ئاندىن فاتىمىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ئۆزى سۇلتان بولدى. ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ دىنىي داھىي ئىكەنىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەھلىسەلىب قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، پەلەستىننى، سۈرىيىنى ۋە مىسۇپوتامىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى قايتۇرۇۋالدى. 1174 - يىلى زەنگىد سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، دەمەشىقنى سىياسىي مەركەز قىلغان <سالاھىددىن ئىمپېرىيىسى> بولدى. سۈننىي مەزھىپىگە ئىخلاس قىلىپ، شىئە مەزھىپى ئەقىدىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى چەكلىدى، خەلقنىڭ ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. مەسچىت - مەدرىسلەرنى سالدۇردى ھەمدە ئىشراقىيە تەلىماتچىلىقىنى تەرغىب قىلغان سۆھرەۋەردىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن سوپىزم مۇھىم تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. كېيىن مەملۇك سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.