Uyghur主要词典
ئەھلى شەرىئەت ئەمەس تەسەۋۋۇپچىلار
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىسوپىزمچى مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كېيىنكى ئۆلىمالار ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە ئەمەل قىلدىغان - قىلمايدىغانلىقىغا ئاساسەن شۇنداق دەپ ئاتىغان. كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا، شەرىئەتكە ئەمەل قىلمايدىغان سۇفىيە پىرقىسى كۆزدە تۇتۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، Ⅺ ئەسىردىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما ھۇجۋىرى (؟ - 1075) ئەينى چاغدا سوپىلار ئىچىدىكى دىنىي قائىدىلەرگە ۋە ئىبادەت شەكىللىرىگە ئاساسەن، سوپىلارنى 12 تارماققا ئايرىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 غا يول قويۇلۇشى كېرەك، ئىككىسى ئەيىنلىنىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، شەرىئەت مەزمۇنىغا قارىغاندا شەكىلگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ. سوپىلارنىڭ ئىستىقامەت قىلىشىدىكى بىردىنبىر مەقسىتى فەنانىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدە <ۋىسالۇل ھەقق> كە يېتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بەش پەرزنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ. قايسى سوپى پىرقىلىرىنىڭ ئەھلى شەرىئەت ئەمەسلىكى ئېنىق بېكىتىلمىگەن. ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراساندىكى چىشتىيە، مەۋلەۋىيە، بەكتاشىيە، كۇبرەۋىييە قاتارلىق پىرقىلەر ئەھلى شەرىئەت ئەمەس، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئەھلى شەرىئەت ئەمەس پىرقىلەر ئىچكى جەھەتتىكى مەنۋى تاۋلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. چاكىنا قائىدە - يوسۇنلىرى كۆپ بولۇپ، شەرىئەتكە پەرۋا قىلمايدۇ. شۇڭا سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلار ئىچىدە تەسىرگە ئىگە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。