Uyghur主要词典
ئەھلىسەلىپ
دۇنيا تارىخى
(1)ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقۇچىلار. بۇلار چاپىنىغا قىزىل كرېست بەلگىسىنى تىكىۋالغانلىقتىن كرېست بەلگىلىك قوشۇن (ئەھلىسەلىپ) دەپ ئاتالغان. (2) ئوتتۇرا ئەسىردە رىم پاپاسى باشچىلىقىدىكى كاتولىك چېركاۋى فېئودال ھۆكۈمرانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تەشكىل قىلغان قوشۇن. بۇ قوشۇن ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ فېئوداللىققا ۋە كاتولىك چېركاۋىغا قارشى ئېلىپ بارغان <بىدئەت> ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا سېلىنغان. مەسىلەن، ⅩⅢ ئەسىردىكى ئالبى مەزھىپىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە ⅩⅤ ئەسىردىكى چېخوسلوۋاكىيىلىك خۇس ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى باستۇرغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارىخ
ئوتتۇرا ئەسىردە مۇقەددەس زېمىنىنى ئىستېلا قىلىش ئۈچۈن غەربتىكى خىرىستىئانلارنىڭ قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقۇچىلار، ئۇلار كىيىملىرىگە ۋە قوراللىرىغا سەلىپ (كرېست) بەلگىسىنى قادىۋالغان، شۇڭا ئەھلىسەلىپ دېيىلگەنىدى.