Uyghur主要词典
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قەھرىمانى
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىئەدەبىي ئەسەردە ئۆزىگە خاس، ئېنىق خاراكتېر ۋە بەلگىلەرگە ئىگە بولغان، ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس ئەسەر قەھرىمانى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەر قەھرىمانلىرى ئەسەرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىلدۇر. بىر پۈتۈن ئەسەردە ئەسەر ئىدىيىسى ئەسەردىكى ھەر خىل پېرسوناژلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
<ياشلىق ناخشىسى> رومانىدا يازغۇچى لىن داجىڭدىن ئىبارەت ئاساسلىق پېروناژنى جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئېنىقلابىي باسقۇچىدىكى ياشلارنىڭ ۋەكىلى، يەنى قەھرىمانى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈردى. ھەر خىل ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رومانلاردا، مەسىلەن: جۇ لىبونىڭ <بوران - چاپقۇن>، جاۋ شۇلىنىڭ <لى يۈيسەينىڭ قوشاقلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ كىتابخانلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ئوبرازلار بار. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ <چېنىقىش> (ز. قادىر)، <كۈرەشچان يىللار> (ف. تۇردى)، <ئاۋرال شاماللىرى> (ز. سابىر)، <قىيانلىق دەريا> (ئە. تۇردى)، <مېھرىبان> (ق. جىلىل) قاتارلىق پوۋېست - رومانلار كىتابخانلاردا چوڭقۇر تەسرات قالدۇردى. بۇ ئەسەرلەردە ئەسەر قەھرىمانلىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىماقتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。