Uyghur主要词典
ئەدەبىيات سەنئەت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ قوشۇپ ئاتىلىشى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئەدەبىيات تىل سەنئىتى بولۇپ سەنئەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنى قوشۇپ <ئەدەبىيات - سەنئەت> دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەنلىكى، ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل سەنئەت ئىچىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كەڭ تەسىرگە ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەمىشە باشقا سەنئەتنىڭ ئايرىلماس تەشكىلىي قىسمى بولىدۇ. مەسىلەن: ناخشىلارنىڭ تېكىستى ئەدەبىياتتىكى شېئىردۇر. سەھنە تىياتىرلىرىدىكى درامانىڭ ئەسىرىمۇ ئەدەبىياتتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەدەبىيات ۋە سەنئەت.
ھازىر كۆپلىگەن ناھىيىلەردىكى يېزا - قىشلاردا ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات - سەنئەت گۇرۇپپىلىرى بار.