Uyghur主要词典
ئىبازە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(761 - 908) ئىسلام دىنىدىكى ئىبازىيە مەزھىپى شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان يەرلىك سۇلالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى ئىبازىيە مەزھىپىنىڭ داھىيىسى ئابدۇللا رەھمان بىننى رۇستەم (؟ - 784) قۇرغانلىقتىن، <رۇستەم سۇلالىسى> مۇ دېيىلىدۇ. ئوتتۇرا مەغربتىكى تاھارەت (ھازىر ئالجىرىيە چېگرىسى ئىچىدە) نى پايتەخت قىلدى. بۇ سۇلالە 147 يىل داۋاملاشتى. كېيىن شىئە مەزھىپىدىكى فاتىمەلەر تەرىپىدىن يوقىتىلدى.