Uyghur主要词典
ئىبارەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئىبارات. ئىبارە، سۆز؛ بايان، تەلقىن، ئىپادە؛ بايان قىلىش، ئىپادىلەش؛ ئىبارەت:
مۇكەررەر مىسرائكىم، زىيبى دىۋانى مەلاھەتدۇر،
ئىكى فەرخۇندە بىسمىللاھ قاشىڭدىن ئىبارەتدۇر.
مەشھۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، سۆزلەم؛ ياسالغان، قوشۇلغان، پۈتكەن، قۇرۇلغان دېگەن ياردەمچى مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئەرەبچە
چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى <- دىن، - تىن> بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئارقىسىغا تىركىلىپ كېلىپ، <تەشكىل تاپقان، تەركىب تاپقان، ئۆز ئىچىگە ئېلىنان، بولغان؛ تۈزۈلگەن> دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.