Uyghur主要词典
ئاخىر زامان
بىئولوگىيە
<قىيامەت كۈنى>، <مەھشەر كۈنى>، <ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاپ، گۇناھ قىلغانلارنى جازالاش كۈنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئېيتىلغاندەك رېئال دۇنيا كۇمپەيكۇم بولغان كۈندۇر. ئاخىر زامان <ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش> نىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېيتىلىشچە، شۇ كۈنى ئىنسان ھالەك بولىدۇ ھەمدە <ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدۇ>، قىيامەتنىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ. ئاخىر زامان يېتىپ كەلگەندە مالائىكە ئىسرافىل سۈر چالىدۇ. ئاندىن <يەر يېرىلىدۇ>، <يۇلتۇزلار ئېقىپ چۈشىدۇ>، <قۇياش قاراڭغۇلىشىدۇ، ئاي غۇۋالىشىدۇ، قۇياش بىلەن ئاي چېقىلىپ>، دۇنيا كۈمپەيكۇم بولىدۇ. ئاخىر زاماننىڭ قاچان يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى يالغۇز ئاللا بىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ مەككىدە نازىل بولغان قىسمىدا دۇنيانىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدىن مۇنداق بېشارەت بېرىلگەن: <... ئۇ يېقىندا بولىدۇ> (17 - سۈرىنىڭ 15 - ئايىتىدىن). <ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!> (75 - سۈرىنىڭ 34 - ئايىتى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دۇنيانىڭ، ھاياتنىڭ ۋە بارلىق مەۋجۇداتنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان، يوقىلىشقا يېقىن قالغان ۋاقتى؛ قىيامەت.
ئاخىر زامان بولماق.