Uyghur主要词典
ئاخىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇڭ.
تۈگىگەن. پۈتكەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى.
«ئاقىۋەت» سەلىبىي مەنىدە كېلىدۇ.
گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت ئايال بولار. يىلاننى يەڭ ئىچىگە سالساڭ، ئاقىۋىتىڭ ۋاپاغا جاپا. ئاخىر بارىدىغان يېرىڭ تايىنلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەت جەريانىنىڭ كېيىنكى تۈگەش قىسمى.
دوست دىدارىنى كۆرۈش شادلىق داۋامى، دوست بولمىسا نەدە يۈرەك ئارامى. مۇناپىققا ھەمراھ بولسا ھەر ئىنسان، ئاخىرى جايى بولىدۇ زىندان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىكى ھالىتى.
<ئاقىۋەت> سەلبىي ھالەتكە قارىتىلىدۇ.
تىرىشىپ ئوقۇدۇم، نەتىجىدە مەلۇم ئۈنۈم ئالدىم. كىشىگە ياخشىلىق قىلساڭ، ئاخىر ياخشىلىق يانىدۇ. كىشىگە زىيانداشلىق قىلغان ئاقىۋەت خار - زارلىقتا قالىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىدىكى رېتى.
ئاۋۋال، ئىلگىرى، دەسلەپ، باش
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى رېتى.
ئاۋۋال ئىشلە. كېيىن ئوينا. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. ئاۋۋال تائام، بەداز كالام. ئىلگىرى تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا كۈلگەن ھەقىقىي كۈلىدۇ. باشتا باشلاپ، ئاخىرىدا تاشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. نەرسە، ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە ۋە ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ تۈگەنچىسى، ئەڭ كېيىنكىسى.
ئاينىڭ ئاخىرى.
يۈك. زادى.
ئاخىر سەن نېمىدېمەكچى ئىدىڭ؟
رەۋ. بەرىبىر، ھامان، قاچانلا بولمىسۇن، قانداقلا بولمىسۇن؛ نەتىجىدە.
بېلىقچىنىڭ كىچىك ئوغلى كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ يىغلاپتۇ. يىغلا - يىغلا ئاخىر قۇشقاچقا ئايلىنىپ قاپتۇ.