Uyghur主要词典
ئاۋگۇستۇس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14 يىلغىچە). قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 14 يىلغىچە). كائېسارنىڭ جىيەن نەۋرىسى (سىڭلىسىنىڭ قىزى تۇغقان)، بېقىۋالغان ئوغلى ۋە ۋارىسى. ئەلىس ئىسمى گايىئۇس ئوكتاۋىئان، كائېسار مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسمىنى گايىئۇس جۇلىئوس كائېسار ئوكتاۋىئانۇس دەپ ئۆزگەرتكەن. كائېسار قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئانتونىئوس بىلەن قارشىلاشقان، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ، كائېسار ئۈچۈن بىرلىكتە <ئۆچ ئالماقچى> بولغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى، ئانتونىئۇس، لېپىدۇسلار بىلەن كېيىنكى ئۈچلەر ئىتىتپاقىنى قۇرغان. فىلپبى جېڭىدە (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى) برۇتۇس قاتارلىقلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ سېكتۇس پومپېئۇس بىلەن دەسلەپتە سۈلھ قىلىشقان، ئاندن كېيىن مەغلۇپ قىلغان ھەمدە لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرغان (مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى). رىمنىڭ غەربىي يېرىمىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىي يېرىمىنى كونترول قىلغان ئانتونىئۇس بىلەن تىركەشكەن. ئۇ ئانتونىئۇسنىڭ مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى كلېئوپاتراⅦ بىلەن توي قىلغانلىقى ھەمدە رىمنىڭ شەرقتىكى زىمىنىنى ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەدىيە قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن رىم ھۆكۈمران گورۇھىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، رىم سىناتى بىلەن بىرلىشىپ ئانتونىئۇسقا جازايۈرۈشى قىلغان. ئاكتىئۇم جېڭى (مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى)دە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن مىسىرغا كىرىپ، پېتولېمې سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان (مىلادىدىن 03ىل ئىلگىرى)؛ رىمغا غەلىبە بىلەن قايتىپ، <ئىچكى ئۇرۇش> نى ئاخىرلاشتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى غالىبقا ئايلانغان. ئۇ كائېسارنىڭ ساۋىقىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ھاكىممۇتلەق دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارخون، ترىبۇن (قوغدىغۇچى ئەمەلدار)،ئىمپېراتور، باش كاھىن قاتارلىق ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. مىلادىدىن 72ىل ئىلگىرى سېنات ئۇنىڭغا <ئاۋگۇست> (لاتىنچە سۆز بولۇپ، مەنىسى <مۇقەددەس>، <ئەڭ ھۆرمەتلىك>)نامىنى بەرگەن، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان. ئۇ شەكىل جەھەتتە ئۆلكىلەرنى سېنات بىلەن بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە چوڭ ھوقوقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالغان. ئۇ سېنات ئەزالىرىنىڭ سانى 060ەپەر بولۇشنى بېكىتىپ، ئۆزىنى سېناتنىڭ باش ئەزاسى قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈلمىسى <ئالىي باشلىق سىياسىيسى>ياكى <پرىنتسېپاتۇس تۈزۈمى>دەپ ئاتىلىپ، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان. سېنات ئەزاسىنىڭ بىر مىليون سېستېرتىئۇس مالمۈلكى بولۇشى، رىتسارنىڭ تۆتيۈزمىڭ سېستېرتىئۇس مالمۈلكى بولۇشىنى، ئالىي دەرىجىلىك ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تولاراق شۇلارنىڭ ئىچىدىن تالىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، ھەربىي مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتكەن؛ مۇھاپىزەت قوشۇنىنى قۇرۇپ، رىم ۋە ئىتالىيىدە تۇرغۇزغان. ئەمىر - پەرمان چىقىرىپ ياكى كونا تۈزۈملەرنى قايتا تەكىتلەپ، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، قۇللارنى ئازاد قىلىشنى چەكلەپ، قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسپانىيىنى ئىستېلا قىلىشنى تاماملىغان، شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى جايلارغىچە ئىلگىرىلەپ بارغان، يېڭىدىن بىر قانچە ئۆلكىلەرنى تەسىس قىلغان؛ گېرمانلارنىڭ يەرلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تېئوتو بۇرگېر ئورمانلىقىدىكى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان (مىلادى 9-يىلى). شەرقتە پارفىيە دۆلىتى بىلەن چېگرىنىڭ تىنچىلىقىنى ساقلىغان.قۇرلۇش بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، رىم شەھىرىنى گۈللەندۈرگەن ۋە رەتلىگەن؛ ئەدەبىيات - سەنئەتنى مۇكاپاتلاپ، ئەدىبلەرنى توپلاپ، <رىمنىڭ تنىچلىقى> ۋە ئالىي باشلىقنىڭ تۆھپىسىگە مەدھىيە ئوقۇتقان؛ ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىل رىم ئەدەبىياتىنىڭ <ئالتۇن دەۋرى> دەپ ئاتالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا <ۋەتەننىڭ ئاتىسى> (مىلادىدىن 2 يىل ئىلگىرى) دەپ تېخىمۇ ھۈرمەتلىنىپ، <بۇ دۇنيادىكى خۇدا> تەرىقىسىدە چوقۇنۇلغان. مىلادى 41-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى نولادا ئۆلگەن. <ئاۋگۇست> كېيىن رىم ئىمپېراتورلىرى ۋە غەرب پادىشاھلىرى ئادەتلەنگەن پەخرىي نامغا ئايلانغان.