Uyghur主要词典
ئاۋگسبۇرگ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
لېخفېلد جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيىنىڭ كورۇلى ئوتتو Ⅰماگيارلار(ۋېنگرلار)نى مەغلۇپ قىلغان مۇھىم جەڭ. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماگيالار ئوتتۇرا ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرگەن، مىلادى 955-يىلى ئاۋگسبۇرگ(ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا)نى قورشىۋالغان. شۇ يىلى 10-ئاۋغۇستتا ئوتتوⅠگېرمانچېخ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ماگيالارنى ئاۋگسبۇرگنىڭ جەنۇبىدىكى لېخفېلددا قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋېنگرلار غەربكە يۈرۈشنى توختاتقان ھەمدە كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا تەدرىجىي ئۆتكەن.