Uyghur主要词典
ئاتتىلا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 406 - 453) ھون ئىمپېراتورى (434 - 453) مىلادى 434-يىلى ئۇكىسى بلېدا بىلەن بىرلىكتە تاغىسى رۇئانىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 445-يىلى بلېدا ئۆلۈپ كەتكەن (ئاتتىلا زىيانكەشلىك قىلغان، دېگەن گەپمۇ بار) دىن كېيىن بىردىنبىر ھۆكۈمران بولۇپ قىالغان. 443-يىلى كۈچلۈك ھونلارنى باشلاپ كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە) گە يۈرۈش قىلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى دىئودوت Ⅱ (مىلادى 401 - 450) نى يەر بۆلۈپ بېرىشكە، ئولپان تاپشۇرۇشقا، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئارقىدىنلا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا كىرگەن. ھونلارنىڭ قوشۇنى 500 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن دەپ ئاتالغان، ئۇلار ياۋروپانى تازىلاپ رېين دەرياسىغىچە يېتىپ بېرىپ، بېسىپ ئۆتكەن جايلىرىدا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، چىرىكلىشىپ زاۋالغا يۈز تۇتقان ئىمپېرىيىگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن (كېيىنكىلەر ئۇلارنى «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتىغان). 451-يىلى رېين دەرياسىدىن ئۆتكەن، شالون (فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالى) جېڭىدە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئەيتىئوس بىلەن غەربىي گوتلارنىڭ كورۇلى دېئودورىك Ⅰ (؟ - 451) نىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ۋالېنتىنئان (941 - 455) تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئاتتىلا ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئىتالىيىنى ئېلىپ، ئاچىلىيە (ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى) نى ئۈچ ئاي ئىشغال قىلغان (452). ئېيتىشلارغا قارىغاندا پاپا لېئو 461 - 440 (Ⅰ-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەلىپى بىلەن رىم شەھىرى بەختكە يارىشا بالا - قازادىن ساقلىنىپ قالغانىكەن. ئاتتىلا ھەربىي يۈرۈشتە تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن (توي مۇراسىمىدا ئۆلۈپ كەتكەن دېگەن گەپمۇ بار). تارىخىي كىتابلاردا ئاتتىلا «ھون ئىمپېرىيىسى» نى بەرپا قىلغۇچى دەپ ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە بۇ «ئىمپېرىيە» نىڭ ئېتىراپ قىلىنغان زېمىن دائىرىسى يوق. ئاتتىلانىڭ ھەربىي يۈرۈشى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىنى تېزلەتكەن.