Uyghur主要词典
ئاتتىكا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك يېرىم ئارال. ئافىنا دۆلىتىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى. شىمالىي بۇئېئوتىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربى مېگارىس (مېگارا) قا تۇتىشىدۇ، شەرقى بىر دەريا ئارقىلىق ئېئۇبوئېئا ئارىلى بىلەن روبىرو تۇرىدۇ، چېگرىسى ئىچىدە ئېدىرلىق كۆپ، غەربىي شىمالدىكى ئېلېئۇسىستىن ئافىنا شەھىرىگىچە سوزۇلغان جايلار تۈزلەڭلىك. تەۋەلىكىدە باغۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زەيتۇن، ئەنجۇر كۆپ، ئاشلىقنى باشقا قەبىلىلەردىن كىرگۈزگەن. سۈپەتلىك چىنە توپىسى ۋە مەرمەر تېشى چىقىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي قىسىمدىكى روللېئون تېغىدا مول كۈمۈش كېنى بار. غەربىي قىرغىقىدا پىرېي ۋە فالىسسا پورتلىرى بولۇپ، دېڭىز سودىسى خېلى تەرەققىي قىلغان. يىراق قەدىمكى ئاھالىسى غەيرىي يۇنان تىلىدا سۆزلىشىدىغان پىلاسگىلار بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى يۇنان تىلى تۈركۈمىگە تەۋە بولغان ئىئونىيىلىكلەرنىڭ شىمالدىن كۆچۈپ كېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن. گومېر دەۋرىدە، ئاتتىكادا گېلېئونتېس، ھوپلېتېس، ئارگادېس ۋە ئائېگىكورېستىن ئىبارەت تۆت قەبىلە بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەربىر قەبىلىدە ئۈچتىن قېرىنداش ئۇرۇق (جەمئىي 12 قېرىنداش ئۇرۇق)، ھەربىر قېرىنداش ئۇرۇقتا 30 دىن ئۇرۇق (جەمئىي 360 ئۇرۇق) بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىر (ياكى تېخىمۇ بۇرۇن) دە پادىشاھ تېسسۇس ئافىنانى مەركەز قىلغان بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ، دەسلەپكى قەدەمدە شەھەر دۆلىتى (شەھەر ئىتتىپاقى) نى شەكىللەندۈرگەن؛ ئافىنا دۆلىتىنىڭ تارىخى ئافىنا مەركەز قىلىنغان ئاتتىكانىڭ تارىخى بولۇپ، شەھەر دۆلەتلىرىدە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تەدرىجىي بىكار قىلىنىپ، بۇنىڭ ئورنىغا كونسۇل تۈزۈمى ئورنىتىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى، يىلدا بىر قېتىم تەيىنلىنىدىغان كونسۇلدىن بىر قانچىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى پۈتكۈل مۇھىم ئەمەللەرنى (ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيىتى) مونوپول قىلىۋالغان. پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلىرى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كلېستېنېس ئىسلاھاتىغا كەلگەندىلا، كونا تۆت قەبىلە بىكار قىلىنىپ، رايونلار بويىچە ئون يېڭى قەبىلە بىكار قىلىنىپ، رايونلار بويىچە ئون يېڭى قەبىلە تەشكىل قىلىنىپ، ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تازىلىنىپ، دېموكراتىك سىياسىي ئورنىتىلغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدا ئاتتىكادا جەمئىي تەخمىنەن 170 ئاپتونومىيىلىك يېزا جامائەسى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىكى گۈللەنگەن ۋاقىتلىرىدا، تەخمىنەن 500 مىڭ نوپۇسى بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىغا يېقىنى قۇللار بولۇشى مۇمكىن.