Uyghur主要词典
ئاتسېتات كېسلاتا باكتېرىيىسى
领域: بىئولوگىيەباكتېرىيىنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى ھۈجەيرىسى ئېللىپىس شەكىللىك، تۈز ياكى ئەگرى تاياقسىمان بولىدۇ، 0.6 ~ 0.8 × 1.0 ~ 3.0 مىكرومېتر كېلىدۇ. قېرى ھۈجەيرىلىرى شارسىمان تاياقسىمان ئەگرى - بۈگرى. كۆپكەن، يىپسىمان ۋە شاخلانغان قاتارلىق قالدۇق شەكىللەردە بولىدۇ. ئەتراپتا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرى بولىدۇ. ياكى بولمايدۇ. بىخ سپورا ھاسىل قىلمايدۇ، گۆدەك ھۈجەيرىسى گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك بولىدۇ. تامامەن ئوكسىگېنلىق شارائىتتا ياشايدۇ، بەزى قەنت ياكى ئىسپىرتلارنى تولۇق ئوكسىدلىمايدىغانلىقتىن كىسلاتالىق مەھسۇلات يىغلىپ قالىدۇ. ئېتانوننى ئوكسىدىلىغاندا ئاتسېتات كىسلاتاسى ھاسىل بولىدۇ ۋە توپلىنىپ قالىدۇ، ئاتسېتات كىسلاتاسىنى يەنە ئۈزۈل - كىسىل ئوكسىدلاپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇغا ئايلاندۇرالايدۇ PH 4.0 ~ 4.5 بولغان كىسلاتالىق شارائىتتا ئۆسىدۇ، مېۋە ۋە كۆكتاتتا كۆپرەك ئۇچرايدۇ،م چۈچۈمەل مېۋە شىرنىسى، سىركە ۋە ھاراقتىمۇ ئۇچرايدۇ. ئاتسېتات كىسلاتا باكتېرىيىسى سانائەتتە ئاتسېتات كىسلاتاسىنى ئېچىتىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئائىلىدە سىركە ئېچىتىشتا مۇھىم ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە بولۇپ، بەزى ئاتسېتات كىسلاتا باكتېرىيىلىرى يەنە سوربوس ۋە 5 - كېتون گىلىكولىك كىسلاتانى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ۋىتامىن C نى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ئەشياسى قىلىدۇ. بۇرۇن ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاش بولغان، بىراق ئاتسېتات كىسلاتاسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئوكسىدلاپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇغا ئايلاندۇرالمايدىغان ھەمدە قۇتۇپلۇق ئۆسىدىغان بەزى قىل ئاياغلىق باكتېرىيىلەرمۇ ئاتسېتات كىسلاتا باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىغا كىرگۈزۈلگەن. ھازىر بۇ تۈردىكى باكتېرىيىلەر ئۈچۈن گلۇكوزا باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتىلىدىغان باشقا بىر ئۇرۇقداش ئايرىپ چىقىلدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。