Uyghur主要词典
ئاتسىل توشۇغۇچى ئاقسىل
بىئولوگىيە
ماي كىسلاتاسىنىڭ بىئولوگىيىلىك سنتېزلىنىش جەريانىدىكى بىر خىل كۆپ ئېنىزىملىق مۇرەككەپ سىستېمىنىڭ تۈزگۈچى تەركىبى بولۇپ، ماي كىسلاتاسىنى سنتېزلىگۈچى ئېنزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان ۋە ئېچىتقۇ ھۈجەيرىسىدىكى يۇمشاق ماي كىسلاتاسىنى سىنتېزلەيدىغان ئېنزىملار سىستېمىسى بىر خىل كۆپ ئېنزىملىق سىستېما بولۇپ، يۇمشاق ماي كىسلاتاسىنى سىتېزلەيدىغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئېنزىم ۋە قوشۇمچە ئېنزىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بىر خىل مولېكۇلا مىقدارى نىسبەتەن چوڭ بولغان شارچە ئاقسىل. ئۇنىڭ ھەر قايسى تەركىبلىرىنى ئۇلتېرا تېزلىكتە سىنتىرىلفۇگلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئاسانلا ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، بىراق ھەر قايسى تەركىبلەر ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئاكتىپلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ھۈجەيرىسىدىكى ماي كىسلاتاسىنى سىنتېزلەيدىغان ئېنزىملا سىستېمىسى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ھەر قايسى تەركىبلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن ئاكتىپلىقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ خىل كۆپ ئېنزىملىق سىستېمىدىكى ئاقسىلدا بىر دانە پانتوتىنىل مېركاپتوئېتىل ئامىن يان زەنجىرى بولۇپ، ئۇ فوسفات بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ خىل پانتوتىنىل مېركاپتوئېتىل ئامىن <قولى> بولغان ئاقسىل كۆپ ئېنزملىق مۇرەككەپ تەنچىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاتسىلنى يۆتكەش رولىنى ئوينايدۇ، ئاتسىل توشۇغۇچى ئاقسىل دېگەن نام مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. ئۇ ماي كىسلاتاسىنى سنتېزلەش ۋاقتىدا، ئاتسىل رادىكالى پانتوتىنىل مېركاپتو ئېتىل ئامىننىڭ SH- رادىكالى بىلەن بىرىكىپ، بويۇن <قول> غا تايىنىپ مۇرەككەپ تەنچىدىكى بىر خىل ئېنىزىمدىن باشقا بىر خىل ئېنزمغا يۆتكىلىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ماي كىسلاتا زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇشۇنداق قىلىپ سنتېزلەش رولىنى ئوينايدۇ. ماي كىسلاتاسىنى بىئولوگىيىلىك سنتېزلەشكە قاتنىشىدىغان كۆپ ئېنزىملىق سىستېما ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئېنزىمدىن تەركىب تاپىدۇ؛ ئاتسىت CoA كاربوكسىلازا، مالونىل ترانىس كاربوكسىلازا، مالونىك تىئوكىنازا، تىئوئېستىرا، دې كاربوكسىلازا، ماي كىسلاتاسىنى سىنتېزلىگۈچى ئېنزىم، ھازىر ئېچىتقۇدا بىر دانە چوڭ ئاقسىللىق مۇرەككەپ تەنچىنىڭ بارلىقى بايقالدى. ماي كىسلاتاسىنى سىنتېزلەشتە زۆرۈر بولغان ئېنزىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.