Uyghur主要词典
ئاتىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە شەيئىلەرگە نام بەرمەك.
ئاتا بالىسىغا ئەزان - تەكبىر ئات قويۇپتۇ. بولمىسا قىرىقتا ئەقىل ۋە ئەدەب، بولمايدۇ ئاتاشقا ئۇنى ئادەم دەپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەرمەك، مەخسۇس ئاتاپ قويماق.
ئاتىسا بىلىمگە كىمكى بېشىنى، شامالدىن يۈرگۈزەر تۈگمەن تېشىنى. بېغىشلاش ئىككىلا تەرەپتە بولۇشقا تېگىشلىك زىننەت. سىقىلغان كىشىگە كۈلكە بەخىش ئەتمەك، بىر پاتماق قەنتتىنمۇ بىل لەززەتلىكرەك. سىزگە خۇدا ئىمان ئاتا قىلسۇن. ئارنىغاننى ئاسرا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئات قويماق، نام بەرمەك.
كىشىلەر ئۇنى <ئەۋلىيا ئاتا> دەپ ئاتايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بېغىشلىماق، تەقدىم قىلماق، بەرمەك.
- ئاۋۇ قويدىن بىرەرىنى ئاتىۋەتسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ. - دېدى باخشى ھېچ قىزارماستىن.
كۆڭلىگە پۈكمەك، نىيەت قىلماق.
- قانداق، كىچىكئاخۇن، سېتىپ بېرىشكە ئاتىغىنىڭىزنى چىقارمامسىز؟ - دېدى ھۇشۇر ھامۇت.
تەييارلىماق، تەييار قىلماق.
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمەك، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى، قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.