Uyghur主要词典
ئاتىلىق ئانىلىق گۈلى باشقا تۈپتە بولغان ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
تاق جىنىسلىق گۈلى بار ئۆسۈملۈكنىڭ ئاتىلىق گۈلى بىلەن ئانىلىق گۈلىنىڭ باشقا - باشقا تۈپتە بولۇش ھادىسىسى. ئاتىلىق گۈلى ئۆسكەن تۈپ ئاتىلىق تۈپ، ئانىلىق گۈل ئۆسكەن تۈپ ئانىلىق تۈپ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تېرەك، سۆگەت، كەندىر، ئۈجمە، مايمۇن شاپتۇلى، دورىلىق مۇرچۇبا، كۈمۈش ئۆرۈك قاتارلىقلار. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈمۈكلەردە قوش جىنىسلىق گۈل كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىق گۈلى بىر تۈپتە بولغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاتىلىق - ئانىلىق گۈلى باشقا تۈپتە بولغان ئۆسۈملۈكلەر ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ.