Uyghur主要词典
ئاتلانت مايمۇنسىمان ئادىمى
领域: دۇنيا تارىخىمايمۇنسىمان ئادەمنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى. 1954-يىلى فرانسىيىنىڭ قەدىمكى جانلىقلار بىئولوگى ئارامبۇرگ ئالجىرىيىنىڭ تېرنىفېن دېگەن يېرىدىن مايمۇنسىمان ئادەمنىڭ ئۈچ پارچە ئاستىنقى ئېڭەك سۆڭىكى، بىر پارچە چوققا سۆڭىكى ۋە توققۇز تال چىشىدىن ئىبارەت تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىنى تاپقان. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يوغان، ئېڭەك قىسمى ئارقا تەرىپىگە يىغىلغان، ئاستىنقى ئېڭىكى تۆۋەن ۋە كەڭ بولۇپ، ياۋا ئۆرە ماڭىدىغان مايمۇنسىمان ئادىمىگە ۋە بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېنت ئاشېل دەۋرىدىكى پالتا قاتارلىق تاش قوراللارمۇ تېپىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。