Uyghur主要词典
ئاتلاندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاتلاندى، ئاتقا مىندى.
ئەر ئاتلاندى _ ئادەم ئاتلاندى. ئول تاغقا ئاتلاندى _ ئۇ تاغقا چىقتى. ( ئاتلانۇر _ ئاتلانماق).
ئوغۇزچە.
1 - 339
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاتلاندى.
ئول ئات ئاتلاندى_ ئۇ ئاتقا مىندى ( ئاتلانۇر _ ئاتلانماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يىلقى يازىن ئاتلانۇر
ئوتلاپ ئانىن ئەتلەنۈر
بەگلەر سەمۈز ئاتلانۇر
سەۋنۈپ ئۈگۈر ئىسرىشۇر
{يىلقا يازدا ئات بولار،
ئوتلاپ يۈرۈپ ئەتلىنەر،
بەگلەر سېمىز ئات مىنەر،
سۆيۈنۈپ ئۇيۇر چىشلىشەر.}
باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: كۆكلەم - يازدا چارۋا ماللارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، ئوتلاپ يۈرۈپ ئەت ئالىدۇ، شۇڭا، بەگلەرنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سېمىز ئاتلار تەييار بولىدۇ، ئۇيۇر بولۇپ يۈرگەن ئاتلار خۇشاللىقىدىن بىر - بىرىنى چىشلەپ ئوينىشىدۇ.
1 - 375