Uyghur主要词典
ئاتاتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاي ئاتاتتى _ تاي ئات بولدى؛ تاي چوڭىيىپ ئات قاتارىغا كىردى. مەسىلەن: ئەرەپچىدە « قىز بويىغا يەتتى» دېيىلگىنىگە ئوخشاش. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاي ئاتاتسا ئات تىنۇر ئوغۇل ئەرەزسە ئاتا تىنۇر _ تاي ئات بولسا، ئات تىنۇر، ئوغۇل ئەر بولسا، ئاتا تىنۇر. تاي چوڭ بولسا، ئات ئارام ئالىدۇ، مىنىلىشتىن قۇتۇلىدۇ؛ ئوغۇل چوڭ بولسا، ئاتنىڭ ئىشىنى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا ئارام ئالىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تەگۈر مەنىڭ ساۋىمنى بىلگەلىگە ئاي
تىنۇر قالى ئاتاسا قىسراق سىنى تاي
{يەتكۈز مېنىڭ سۆزۈمنى، بىلىم ئەھللىرىگە ئېيت،
تاي ئات بولۇپ قالسا، بايتال تىنىدۇ.}
سۆزۈمنى ئاقىللارغا يەتكۈزگىن، ئەگەر بايتالنىڭ تېيى چوڭىيىپ ئات قاتارىغا كىرسە، بايتال ئارام ئېلىپ قالىدۇ.
1 - 277