Uyghur主要词典
ئاتا جەمەت ۋارىسلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە ئاتا جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇلار شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئىككىنچى رەتتىكىلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاساسلىق ۋارىسلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ئوغۇل، نەۋرە، ئاتا، بوۋا، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكىلار، باشقا ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكا، جىيەن ئوغۇل، تاغا (ئاتا جەمەت ئەر تۇغقان) ۋە قىز، قىز نەۋرە، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىل (ئاتا جەمەت ئايال تۇغقان) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا جەمەت ئەر تۇغقانلار باشقىلارنى چەتكە قېقىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋارىسلار ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئورنىنى شەرىئەت ئېتىراپ قىلىدۇ؛ تۆت خىل ئايال تۇغقانلار ئىككى ياقلىمىلىق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوخشاش تۇغقانلىق دەرىجىسىدىكى ئەرلەر (ئوغۇل، نەۋرە، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكا، باشقا ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكا) بىلەن تەڭ ۋارىس بولغاندا مۇئەييەن شەرت بىلەن ئاتا جەمەت تۇغقانغا <ئۆزگەرتىلىدۇ>، ئۇنداق بولمىسا نېسىۋە ۋارىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ۋارىسلىق رېتىدە نېسىۋىلىك ۋارىسى ئاۋۋال رازى قىلىنىدۇ. ئۇ كەلمىگەن ياكى مىراس بۆلۈنگەندىن كېيىن <قالدۇق> قالغان، ۋارىسلىق قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە زور كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا مىراسنىڭ كۆپ قىسمى <قالدۇق> بولۇپ، ئاتا جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى تۇغقانلارغا ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن قالدۇرۇلىدۇ.